رۇسىيە قىسىملىرى ئىيوردانىيە چېگراسىغا يېتىپ باردى

سۈرىيەدە ئۆكتىچىلەر بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن رۇسىيە قىسىملىرى ئىيوردانىيە بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ناسسىب چېگرا ئېغىزىغا يېتىپ باردى.

1007781
رۇسىيە قىسىملىرى ئىيوردانىيە چېگراسىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ دىرئە شەھىرى 10 – ئىيۇندىن بۇيان بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى ئاستىدا بولۇپ، رايوندىكى پۇقراۋى مۇداپىئە ئەترەتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇملاردا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ سانى 350 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

دۆلەتنىڭ غەربىدىكى دىرئە ۋە كۇنەيترا، ئاستانا باسقۇچىنىڭ كاپالەتچىلىرى بولغان تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر  2017 – يلى ماي ئېيىدا شەكىللەندۈرگەن 4 سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى ئىچىدە بولۇپ، بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك كۆچۈش مەيدانغا كەلگەن بىر پەيتتە، ئۆكتىچىلەر بىلەن رۇسىيە دائىرىلىرى بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

ئۆكتىچىلەر كېلىشىمگە ئاساسەن ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلارنى تاپشۇرىدىكەن، كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە رايوننى تەرك ئېتىشنى خالايدىغان ئۆكتىچىلەر ئائىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ يەرلەردىن ئايرىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر