ئىراقتا دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

كەركۈك ۋە دىيالا ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ يول ۋە ئەتراپىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى.

1006238
ئىراقتا دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق فېدېرال ساقچى قىسىملىرىدىن پولكاۋنىك ئەتىر مۇھەممەد: «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قالدۇقلىرىنىڭ كەركۈك ۋە دىيالا ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ يولدا پات - پات قىلىپ كېلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى توسۇش مەقسىتىدە رايوندا كەڭ - كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىتىلدى» دېدى.

كەركۈك ۋە دىيالا شەھەرلىرىدىنمۇ ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى قاتناشقان ھەربىي ھەرىكەتكە ئىراق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭمۇ ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن پولكاۋنىك ئەتىر مۇھەممەد، دائېشنىڭ ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىلىرىدا مەزكۇر رايوندا 8 نەپەر ئامانلىقنى ساقلاش خادىمىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەرىكەتنى ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل ئىبادى 2017يىلى ئىراق تېررىتورىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تولۇق تازىلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

بىراق مۇسۇلنىڭ غەربىگە جايلاشقان چۆل رايونى، كەركۈك، دىيالا، سالاھىددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا دائېش ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پات پات ئىراق ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر