ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىدىكى پۈتكۈل سىياسىي مەھبۇسلار كەچۈرۈم قىلىندى

ئوتتۇرا ئافرىقا دۆلىتى ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى پىرېزىدېنتى تېئودورو ئوبىئاڭ نگۇئېما قارارنامە چىقىرىپ، بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنى ئومۇميۈزلۈك كەچۈرۈم قىلدى.

1006454
ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىدىكى پۈتكۈل سىياسىي مەھبۇسلار كەچۈرۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت تېئودورونىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلغان قارارنامىسىدە، سىياسىي جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قاماققا ئېلىنغان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقى، قارارنامىنىڭ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىدىكى بىر مەھەللىي سوت مەھكىمىسى فېۋرال ئېيىدا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئاساسىي ئۆكتىچى خەلق تەرەققىيات پارتىيەسىنى تاقىۋەتكەن ۋە پارتىيەنىڭ بىردىنبىر پارلامېنت ئەزاسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 21 ئەزاسىنى 30 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان، ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى قارارغا بىلدۈرۈلگەن ئېتىرازلارنى رەت قىلغانىدى.

خەلق تەرەققىيات پارتىيەسى، 2017 – يىلىدىكى سايلام جەريانىدا جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتاتتى.

ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى پىرېزىدېنتى تېئودورو ئوبىئاڭ نگۇئېما 1979 – يىلى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر