بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئەلبابقا ھۇجۇم قىلدى
سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ھەلەبكە قاراشلىق ئەلباب ناھىيە مەركىزىدىكى بازار ئەتراپىغا قىلغان توپ ھۇجۇمىدا 5 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا كىشى يارىلاندى.
1006584
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا يارىلانغانلار دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئەلبابنىڭ جەنۇبىدا ئۆكتىچىلەر بىلەن بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالدىنقى سەپتە ئەتىگەن تەرەپلەردە تادىف رايونى ئەتراپىدا باشلانغان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا ئىكەن.