ئامېرىكا ئىران نېفىتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي پىلان كومىتېتى مۇدىرى بىرىيان ھوك ئامېرىكىنىڭ ئىران نېفىتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەقسىتىنى بىلدۈردى.

1004498
ئامېرىكا ئىران نېفىتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي پىلان كومىتېتى مۇدىرى بىرىيان ھوك، ئىرانغا بېسىم قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ ئىراننىڭ نېفىت كىرىمىنى نۆلگە چۈشۈرۈپ تېھران ھاكىمىيىتىنىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھوك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئىران نېفىتىغا قارىتىلىدىغان ئېمبارگولار ئۈستىدە توختالدى.

«ئىران ئىستىراتېگىيەمىز ھەرگىزمۇ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى ئىرانلىق سىياسەتچىلەرنىڭ رايون سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇشتۇر»دېگەن ھوك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: ئىراننىڭ نېفىت كىرىمىنى نۆلگە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلىمىز، دېدى.

ھوك يەنە مۇنداق دېدى: «مەقسىتىمىز ئىران ھاكىمىيىتىگە بېسىم قىلىش ئارقىلىق نېفىت كىرىمىنى نۆلگە چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت، بىز ئىراننىڭ دۇنيا بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىمۇ ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. »



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر