ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
ھىندونېزىيەنىڭ بالى ئارىلىدىكى ئاگۇڭ ياناغ تېغىدا پارتلاش ۋەقەسى مەيدانغا كەلدى.
1004527
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە گېئولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇدا 7 مىنۇت داۋاملاشقان پارتلاشتا، ياناغ تاغدىن ئېتىلىپ چىققان كۈل ۋە تۈتەكلەر 2 مىڭ مېتىر ئۆرلىگەن، لاۋىلار 2 كىلومېتىرلىق ساھەگە يېيىلغان، ۋولقان ئېغىزى ئەتراپىدىكى 4 كىلومېتىرلىق ساھە «خەتەرلىك رايون» ئېلان قىلىنغان.