گېرمانىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت تارقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى

گېرمانىيەدە كۆچمەنلەر كىرزىسى سەۋەبىدىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تارقىلىپ كېتىش خەۋپىگە بېرىپ قالدى.

1003603
گېرمانىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت تارقىلىپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەدە ھۆكۈمەت سېپىدا كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىختىلاپ كېلىپ چىققانلىقى سەۋەبىدىن، بىرلەشمە ھۆكۈمەت تارقىلىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى.

ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرمەكچى بولغان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھورست سېھوفېر، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بىلەن ئاخىرقى قېتىم يارىشىپ قېلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ.

بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى خىرىستىيان دېموكراتچىلار پارتىيەسى ۋە خىرىستىيان ئىجتىمائىي بىرلىك پارتىيەسى ئارىسىدا كۆچمەنلەر مەسىلىسى بويىچە ئىختىلاپ كېلىپ چىققاندىن كېيىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھورست سېھوفېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى كۈنتەرتىپكە كەلدى، بىراق مىنىستىر ھورست ئىستېپا بېرىش مەسىلىسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن ئەتىگەندە مىيۇنخېندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن مىنىستىر ھورست، ئىستېپا بېرىش توغرىسىدا چىققان خەۋەرلەرنىڭ راستلىقىنى، لېكىن بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تىرىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي ھەيئەت يىغىنىدا ھەم پارتىيەدىكى ھەمدە ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ناۋادا يارىشىپ قېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولمىسا ئۈچ يىل ئىچىدە بارلىق ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان مىنىستىر ھورست، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن بۇنىڭدىن كېيىن قايسى قەدەملەرنى تاشلاشنى قارار قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

خىرىستىيان دېموكراتچىلار پارتىيەسى كۆچمەنلەر كىرىزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن  خىرىستىيان ئىجتىمائىي بىرلىك پارتىيەسى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باش مىنىستىر ۋە خىرىستىيان دېموكراتچىلار بىرلىك پارتىيەسى باشلىقى ئانگېلا مېركېل، بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئىتتىپاقدېشى خىرىستىيان ئىجتىمائىي بىرلىك پارتىيەسى بىلەن كۆچمەنلىك ۋە سىياسىي پاناھلىق قاتارلىق مەسىلىلەردە يۈز بەرگەن ئىختىلاپلار توغرىسىدا توغرىسىدا توختىلىپ: "مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى ئىتتىپاقدېشىمىز بىلەن بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىمچە تىرىشىمەن" دېدى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا چىققان خەۋەرلەردە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھورستنىڭ كۆچمەنلەر كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشنى ئويلاشقانلىقىنى، پارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي ھەيئەت يىغىنىدا ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەندە، پارتىيەسىنىڭ مەجلىس گۇرۇپپا باشلىقى ئالېكساندېر دوبرىنت ۋە پارتىيەدىكى نوپۇزلۇق شەخسلەرنىڭ ھورستتىن بۇ قارارىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقلىرى قەيت قىلىندى.

خىرىستىيان ئىجتىمائىي بىرلىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى 2008-يىلدىن بۇيان ئۆتەپ كېلىۋاتقان ھورست، بۇ يىل فېۋرالدا قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەت سېپىدا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانىدى، بىراق باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بىلەن ھورست ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان كۆچمەنلىك ۋە سىياسىي پاناھلىق مەسىلىلىرىدە ئىختىلاپلار يۈز بېرىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر