قاتاردا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سايلام زەپىرى تەبرىكلەندى

قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلام زەپىرىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

1001433
قاتاردا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سايلام زەپىرى تەبرىكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتاردا ياشاۋاتقان سۈرىيەلىك سودىگەرلەردىن فەھد ھەمەد ئەلئازاب ئەلمەشھەدانى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە، تۈركىيەنىڭ دوھا باش ئەلچىسى فىكرەت ئۆزەر، دوھادىكى تۈرك مەكتەپلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، سۈرىيە ئۆكتىچىلەر ۋە ئىبقىلابىي كۈچلەر مىللىي ئىتتىپاقىنىڭ سابىق باشلىقى مۇئاز ئەلخاتىب، سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ئونلارچە سۈرىيەلىك ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە، سۈرىيەلىكلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ئىلاھىي (دىنىي ناخشا)  ئۆمىكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە تونۇشتۇرۇلغان شېئىر ۋە قەسىدىلەرنى ئوقۇدى.

تۈركىيەنىڭ دوھا باش ئەلچىسى ئۆزەر پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە، دوھادىكى  پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان سۈرىيەلىكلەرگە رەھمەت ئېيتتى ھەمدە بۇ پائالىيەتنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزىگە خاس ماھىيىتىنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

سۈرىيەلىكلەر نامىدىن سۆز قىلغان مەشھەدانى بولسا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 24 – ئىيۇن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا قازانغان زەپىرىنىڭ رايون خەلقى ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ زەپىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر