پۇتىن: سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، موسكۋانىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1001812
پۇتىن: سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، «ھەربىي كۈچلىرىمىزنى (سۈرىيەدىن) چېكىندۈرۈشنى (لازىقىييەدىكى ھاۋا ئارمىيە بازىمىز) ھىمەيمىمغا بارغىنىمدا باشلىغانقىمىزنى بىلىسىلەر. بۇ چېكىنىپ چىقىش مۇساپىسى ھازىرمۇ باشلىنىۋاتىدۇ» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «پەقەت يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدىلا 13 ئايروپىلان، 14 تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە 1140 ھەربىي خادىم چېكىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر