ماراكەشتە قاماق جازالىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
ماراكەشتە رىف ھەرىكىتى رەھبەرىلىرىدىن ناسىر ئەززەفەفى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا بېرىلگەن قاماق جازالىرىغا قارشى پايتەخت راباتتا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
1001610
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت راباتتا يۈزلىگەن كىشى پارلامېنت بىناسى ئالدىغا توپلاشقاندىن كېيىن 5 – مۇھەممەد كوچىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
رابات خەلق ھەرىكىتىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش كومىتېتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق يۈرىشىگە قاتناشقۇچىلار، «ماراكەش خەلقى شەكىلۋاز ھۆكۈملەرنى ئەيىبلەيدۇ»، «خەلقنىڭ ئەۋلادلىرى تۈرمىدە، سوتلاش تېلېفوندا» دېگەن شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشچىلار نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
پايتەخت رىباتتىكى يۈرۈش بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا، كازابلانكا، تانجا ۋە ئاغادىردىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719141651)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.