ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 9 دۆلەت ھەربىي قىسىم تەشكىللەشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 9 دۆلەت، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل ھالدا كىرىزىس پەيتلىرىدە سۈرئەت بىلەن مۇداخىلە قىلىشنى قولايلاشتۇرىدىغان بىر ھەربىي كۈچ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن نىيەت مەكتۇپى ئىمزالىدى.

999927
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 9 دۆلەت ھەربىي قىسىم تەشكىللەشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 9 دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى لىيۇكسېمبۇرگدا چاقىرىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كېڭىشى يىغىنىدا ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، «ياۋروپا مۇداخىلە كۈچى» ناملىق كىرىزىس پەيتلىرىدە ھەربىي كۈچلەرنى تېز سۈرئەتتە ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشنى نىشان قىلغان مۇداپىئە ھەمكارلىقى نىيەت مەكتۇپىنى ئىمزالىدى.

فىرانسىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا ئوتتۇرىغا چىققان مەزكۇر ھەربىي بىرلەشمىگە گېرمانىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، دانىيە، گوللاندىيە، ئېستونىيە، ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىشتىراك قىلدى.

نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەنگلىيەنىڭ مەزكۇر ھەربىي بىرلەشمىدىن ئورۇن ئېلىشى دىققەتنى تارتتى. قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان مەزكۇر ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ ئەزا دۆلەتلەر بىلەن مۇداپىئە ساھەسى بويىچە ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

مەزكۇر بىرلىك ئېلىپ بارىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قوللاش ياكى قوللىماسلىققا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى قارار قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 9 دۆلەتنىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلەردىن مۇستەقىل ھالدا مۇداپىئە ساھەسىدە قەدەم تاشلاش قارارىنىڭ ئىتتىپاق ئىچىدە پارچىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا ئانالىزلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا سەۋەب بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر