ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر توقۇنۇشتى

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان نابلۇس شەھىرىدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر توقۇنۇشتى .

999872
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر توقۇنۇشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان نابلۇس شەھىرىدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا توقۇنۇش مەيدانغا كېلىپ 18 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۈگۈن ئەتىگەندە بىر تۈركۈم كۆچمەن يەھۇدىي دىنى مۇراسىم ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن <يۇسۇف مەقبەرىسى>گە بېسىپ كىرگەن، دەل مۇشۇ ئەسنادا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بىلەن پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان، توقۇنۇشتا 18 پەلەستىنلىك يارىلانغان بولۇپ، 2 پەلەستىنلىك تۇتقۇن قىلىنغان.

نابلۇسنىڭ شەرقىدىكى <يۇسۇف مەقبەرىسى>يەھۇدىيلار تەرىپىدىن مۇقەددەس ماكان سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدۇ.

يەھۇدىيلار يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆڭەڭلىرىنىڭ مىسىردىن يۆتكەپ كېلىنىپ بۇ جايغا دەپتە قىلىنغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

پەلەستىنلىك قەدىمىي يادىكارلىقلار مۇتەخەسىسلىرى بۇ مەقبەرىنىڭ بىر نەچچە يۈز يىللىق ئۆتمۈشى بارلىقىنى، شۇڭا بۇ مەقبەرىنىڭ يۇسۇف ئەلەيھىسىسالامنىڭ ئەمەس يۇسۇف دۇۋەيقات ئىسىملىك بىر ئالىمغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر