شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدا تۆمۈر يولى تەسىس قىلىنىدۇ

ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى چېگرادىكى پانمۇنجوم ئۇرۇش توختىتىش يېزىسىدا كۆرۈشۈپ، بۇ يۆنىلىشتە تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا پىكىرى ئالماشتۇردى.

1000133
شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدا تۆمۈر يولى تەسىس قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە لىدىرى كىم جوڭئۇن بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جائېئىننىڭ 27 – ئاپرېلدىكى باشلىقلار يىغىنىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەتنى تۆمۈر يول ئارقىلىق بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرۇش ئىدى. بۇ قېتىم ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى چېگرادىكى پانمۇنجوم ئۇرۇش توختىتىش يېزىسىدا كۆرۈشۈپ، بۇ يۆنىلىشتە تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا پىكىرى ئالماشتۇردى.

مەزكۇر تۆمۈر يولى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي جەھەتتىن بىرلىشىشى يولىدىكى تۇنجى كونكېرت قەدەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارىسىدا نۆۋەتتە بىر تۆمۈر يولى بار بولۇپ، بۇ يولنىڭ قۇرۇلۇش تارىخى 20 – ئەسىرگە تايىنىدۇ.

كورېيە ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى ياپونىيە تەرىپىدىن ياسالغان تۆمۈر يول سېئۇلدىن پىيوڭياڭ ۋە سىنۇئىجۇغىچە سوزۇلىدۇ.

كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تۆمۈر يولى، جەنۇبىي كورېيەنى پورت شەھىرى بۇساننى رۇسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا تۇتاشتۇرۇشى، ھەتتا ئېغىر ئېمبارگولار ئاستىدىكى شىمالىي كورېيەنىڭ دۇنياغا ئېچىلغان ئىشىكى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر