ياپونىيە خىتاي كېمىلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

ياپونىيە تالاش-تارتىشلىق ئاراللار ئەتراپىدا چارىلاش ئېلىپ بارغان خىتاي كېمىلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

999244
ياپونىيە  خىتاي كېمىلىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ساھىل بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا تەۋە 4 كېمىنىڭ، شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق ئاراللار ئەتراپىدا چارىلاش ئېلىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

كىيودو خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەندە شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق ئاراللار ئەتراپىدا بايقالغان خىتاي كېمىلىرىنى ياپون چارىلاش ئەترىتى ئاگاھلاندۇرغان.

شەرقىي خىتاي دېڭىزىدا ياپونىيە تەرىپىدىن سەن سانكۇ، خىتاي تەرىپىدىن دىيايۈ ئارىلى دەپ ئاتىلىپ كېلىنىۋاتقان 5 ئارال ۋە 3 قىيالىقتىن تەشكىل تاپقان تاقىم ئاراللار ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇق مۇنازىرىلىرىگە سەۋەب بولماقتا.

بۇ ئاراللاردا ھېچكىم ياشىمايدۇ.

تاقىم ئاراللارنى ئۆزىنىڭ زېمىن تەۋەلىكىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ياپونىيە،  بۇ ئاراللارغا ئىزچىل چارىلاش كېمىلىرى ئەۋەتىپ تۇرۇۋاتقان خىتاينى، زېمىن تەۋەلىكىگە دەخلە قىلىش  بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

ئاراللارغا يېقىن جايدا چارىلاش ئېلىپ بارىدىغان خىتاي ۋە ياپونىيە پاراخوتلىرى داۋاملىق بىر-بىرلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر