ئاسىيا تاراتقۇلىرى تۈركىيەدىكى سايلام نەتىجىسىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيەدە تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 27 – نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئومۇمىي سايلىمىنىڭ غەيرىي رەسمىي نەتىجىلىرى ئاسىيا تاراتقۇلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالدى.

999122
ئاسىيا تاراتقۇلىرى تۈركىيەدىكى سايلام نەتىجىسىگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى، «ئەردوغان ھالقىلىق سايلاملاردا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەلرايى نەتىجىلىرىدە تەخمىن قىلىنغاندىن كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي نەشر ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» مۇ، «ئەردوغان ۋە ئىتتىپاقى جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدا غەلىبە قىلدى» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلىپ، سايلام نەتىجىلىرىگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارغا ئورۇن بەردى.

ياپونىيە

ياپونىيە كيودو خەۋەر ئاگېنتلىقى، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا زەپەر قۇچقانلىقىنى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى ۋە ئەردوغاننىڭ 2003 – يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى.

ياپونىيە خەۋەر قانىلى NHK، «ئەردوغاننىڭ قايتىدىن سايلىنىشىنىڭ رايونغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بار» دېگەن ماۋزۇدا خەۋەر بەردى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 15 يىلدىن بۇيان دۆلەتنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ھىندونېزىيە

ھىندونېزىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى ئانتارا، «ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا ئۇتۇق قازاندى» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ %52.7 لىك ئاۋازغا ئېرىشىپ غەلىبە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تايلاند

تايلاندتا چىقىدىغان «باڭكوك پوچتىسى گېزىتى» نىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدىكى سايلاملاردا قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن خەۋىرىدە، تۈركىيە خەلقىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەم جۇمھۇر رەئىس ھەم پارلامېنت ئەزالىرى ئۈچۈن بېلەت تاشلىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مالايشىيا

مالايشىيادا چىقىدىغان «ستار گېزىتى» نىڭ «ئەردوغان سايلاملاردا كۆپ سانلىقنى قولغا كەلتۈردى» » سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا ئومۇمىي ئاۋازنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى يازدى.

سىنگاپور

سىنگاپوردا چىقىدىغان «سترايت تايمز گېزىتى» مۇ تۈركىيەدىكى سايلام نەتىجىسىنى «ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىكتە ئىككىنچى باسقۇچنى قولغا كەلتۈردى» دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر