«CIA»نىڭ سابىق باشلىقى دونالد ترامپنى تەننقىد قىلدى

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA» نىڭ سابىق دىرىكتورى جون ئو. برېننا ئامېرىكىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى «تولىمۇ مەسخىرىلىك بىر ئىش» دېدى.

996477
«CIA»نىڭ سابىق باشلىقى دونالد ترامپنى تەننقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA» نىڭ سابىق دىرىكتورى جون ئو. برېننا ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەنقىد قىلدى.

برېننا تىۋىتتېر ھېسابىدا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:

«دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرايىمىزدا كىچىك بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رەھىمسىزلەرچە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سادىر قىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلغانلىقى تولىمۇ مەسخىرىلىك بىر ئىش بولدى. دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئادىل، مېھرى شەپقەتلىك ئوبرازىنى ۋەيران قىلماقتا»

جون ئو. برېننا ئۇزۇن يىللارغىچە ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA» دا ئوخشاش بولمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئاخىرىدا سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوبامانىڭ ئىچكى ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولغان، ئاندىن داۋىد پېترائۇسنڭ ئىستېپا بېرىشى بىلەن تەڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى «CIA» نىڭ دىركتورلۇقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، 2013يىلىدىن 2017يىلىغىگە بۇ ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر