ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى ئانگېلىنا جۇلى ئىراقتا

ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياخشى نىيەت ئەلچىسى ئانگېلىنا جۇلى ئىراقتا زىيارەتتە بولدى.

993629
ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى ئانگېلىنا جۇلى ئىراقتا
angelina jolie irak2.jpg
angelina jolie irak1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوسكار مۇكاپاتلىق ھوللىۋودنىڭ داڭلىق چولپىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتىنىڭ ياخشى نىيەت ئەلچىسى ئانگېلىنا جۇلى ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن مۇسۇل شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.

ئامېرىكىلىق داڭلىق ئارتىس جۇلى قاتتىق توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كونا مۇسۇل رايونىدا خارابلىكلەر ئارىسىدا ئايلاندى.

رايوندىكى بەزى ئاھالىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن جۇلى، خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرى ۋە شەھەرنى قايتىدىن قۇرۇش پائالىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، جۇلى، «بۇ، مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئۇزۇن يىللار مابەينىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا كۆرگەن ئەڭ قورقۇنۇچلۇق ۋەيرانچىلىق» دېگەن.

ئىنسانلارنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ئۆي – ماكانلىرىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، ناھايىتى يوقسۇل ئىكەنلىكىنى، قول ئىلكىلىرىدە بالىلىرى ئۈچۈن دورا يوقلۇقىنى، ھەتتا بالىلىرىنىڭ سۈيىنىڭمۇ  يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن جۇلى، رايون خەلقى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىشغالىيىتى سەۋەبلىك تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب – ئوقۇبەت ۋە دەرد – ئەلەملەرنى تارتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ناھايىتى چەكلىك ياردەملەرگە تايىنىپ قايتىدىن ئۇلارغا ئۆي سېلىپ بېرىشكە  تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايون خەلقىنىڭ شۇنچە كۆپ ئازاب  - ئوقۇبەت ۋە دەرد – ئەلەملەرنى تارتقان بولۇشىغا قارىماي ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆي – ماكانلىرىنىڭ خارابىلىكلىرىنى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ بىر تەرەپ قىلغانلىقلىرىنى ۋە ئۆزئارا ياردەملىشىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

رايون خەلقىنىڭ ياردەمگە تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان جۇلى، شەھەرنىڭ مۇقىملىقىنىڭ پۈتكۈل ئىراقنىڭ ھەمدە كەلگۈسىدە رايوننىڭ مۇقىملىق ئۈچۈن زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ ئىلگىرىمۇ  ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان مۇساپىرلارنى زىيارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر