ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە روزى ھېيت

ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ ھەممىسىدە روزى ھېيت دېگۈدەك بۈگۈن تەبرىكلىنىدۇ

992885
ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە روزى ھېيت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب ئەللىرىدىكى دىنىي ئىشلار ئىدارىلىرى ئېلان قىلغان پەتىۋالارغا ئاساسەن، روزى ھېيتنىڭ باشلانغۇچىغا سىمۋول قىلىنىدىغان ئاي ھىلال شەكلىدە كۆرۈلگەنلىكى ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، كۇۋەيت، يەمەن، پەلەستىن، ئىيوردانىيە، ئۇممان، مىسىر، سۇدان، ئىراق، لىۋان، سۈرىيە، لىۋىيە، تۇنىس، ماراكەش، ئالجىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە روزى ھېيت بۈگۈن تەبرىكلىنىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىراقتىكى سۈننىي فوندى جەمئىيىتى بۈگۈن روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئۇقتۇرۇش چىقاردى، ئەڭ ئالىي شىئە رەھبەر ئەلى سىستانى بولسا بۈگۈن روزى ھېيت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلمىدى.

ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىدىكى ئايرىم – ئايرىم 5 دىنىي  جەمئىيەتمۇ بۈگۈن روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاينىڭ ھىلال شەكلىدە كۆرۈلۈشىگە ئاساسلىنىدىغانلىقلىرى ئۈچۈن، بەزى ئىسلام ئەللىرىنىڭ روزى ھېيتنىڭ باشلانغۇچ كۈنلىرىنى بېكىتىشى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر