گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

گىرۇزىيە باش مىنىستىرى گىئورگىي كۋىرىكاشۋىلى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرى بىلەن كېلىشەلمەي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى.

992258
گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە باش مىنىستىرى گىئورگىي كۋىرىكاشۋىلى ۋەزىپىسىدىن ئستېپا بەردى.

پايتەخت تىفلىستىكى ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن گىئورگىي كۋىرىكاشۋىلى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى گىرۇزۇن ھايالى پارتىيەسى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن سىياسىي كېڭەش يىغىنىدا پارتىيە رەھبىرى بىزدىنا ئىۋانىشۋىلى ۋە پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بەزى مەسىلىلەردە كېلىشەلمىگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

گىرۇزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە زور ئىگىرىلەش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كۋىرىكاشۋىلى، رايوندىكى ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئەكسىچە گىرۇزىيە ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گىئورگىي كۋىرىكاشۋىلى 2015-يىلى 30-دېكابىردىن بۇيان باش مىنىستىر بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەپ كېلىۋاتقانىدى.

گىرۇزىيە ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى گىرۇزۇن ھايالى پارتىيەسىنىڭ 7 كۈن ئىچىدە يېڭى باش مىنىستىر نامزاتىنىڭ ئىسمىنى ۋە يېڭى كابېنت تىزىملىكىنى پىرېزىدېنت گىئورگىي مارگۋېلاشۋىلىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر