ناتو باش كاتىپى گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ كېلىشەلىگەنلىكىدىن خۇرسەن بولدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ «ئىسىم مەسىلىسى»ئۈستىدە كېلىشكەنلىكلىرىدىن خۇرسەن بولدى.

991454
ناتو باش كاتىپى گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ كېلىشەلىگەنلىكىدىن خۇرسەن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ «ئىسىم مەسىلىسى»ئۈستىدە كېلىشكەنلىكلىرىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ماكېدونىيەنىڭ ناتو ئەزالىقىغا ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراس ماكېدونىيە باش مىنىستىرى زوران زائېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان «ئىسىم مەسىلىسى»نى ھەل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ بۇنىڭ «تارىخىي كېلىشىم»بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ستولتېنبېرگ بۇ قېتىمقى كېلىشىمنىڭ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان دىپلوماتىك خىزمەتلەرنىڭ نەتىجىسىدە ھاسىل بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

گىرېتسىيە باش مىنىستىرى بىلەن ماكېدونىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان رايونغا تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بۇ مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغانلىقلىرىنى ئېيتقان ناتو باش كاتىپى، ئىككى باش مىنىستىرنى بۇ كېلىشىمنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە رەسمىيلەشتۈرۈشكە چاقىردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىم تۈرتكىسىدە ماكېدونىيە ناتو ئەزالىقىغا ئىلتىماس قىلالىغاندىن سىرت، غەربىي بالقان رايونىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر