دۇنيانىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن ئۇچرىشىش ئاخىرى سىنگاپوردا ئەمەلگە ئاشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن سىنگاپورنىڭ سېنتوسا ئارىلىدىكى كاپېللو مېھمانسارىيىدا شۇ يەر ۋاقتى 09:00 دا كۆرۈشتى.

990727
دۇنيانىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن ئۇچرىشىش ئاخىرى سىنگاپوردا ئەمەلگە ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ كۆرۈشۈشى سىنەاپوردا ئەمەلگە ئاشتى. ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا قىسقا بايانات بەردى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: "مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىش بولىدۇ. شەرەپ ھېس قىلىۋاتىمەن، ناھايىتى ياخشى مۇناسىۋىتىمىز بولىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق گۇمانىم يوق" دېدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن: "بۇ يەردە بولۇش ياخشى بولدى. ئۆتمۈشتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلىرىمىز ۋە چۈشەنچىلىرىمىز بىزگە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئىدى. بۇ توسقۇنلۇقلارنى يەڭدۇق ۋە بۈگۈن بۇ يەردىمىز" دېدى.

مۇخبىرلارغا بېرىلگەن باياناتتىن كېيىن، ئىككى رەھبەر ئايرىم كۆرۈشۈشنى باشلىدى. تەخمىنەن 45 مىنۇت داۋاملاشقان بۇ كۆرۈشۈشتە پەقەت رەھبەرلەرنىڭ تەرجىمانلىرى بىرگە بولدى.

پىرېزىدېنت ترامپ بۇ ھەقتە توغرىسىدا توختىلىپ، كۆرۈشۈشنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن: "بۇ يەرگە ئوچۇق پىكىرلىرىمىز بىلەن كەلدۇق، سىلەر بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىشنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن" دېدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدىن كېيىن، ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈش باشلاندى.

ھەيئەتلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن كۆرۈشۈشتىن كېيىن، خىزمەت زىياپىتى بېرىلىدۇ ۋە بۇ كۆرۈشۈشنىڭ تەخمىنەن 1 يېرىم سائەت داۋام قىلىشى كۈتۈلمەكتە. ئەگەر كۆرۈشۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نورماللىشىشى ئۈچۈن بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ. كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشى  كۆرۈشۈشنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا تەرەپ شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قورال پىروگراممىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر