لوندوندا كىشىلەر قۇددۇس كۈنى پىيادە يۈرۈشى ئۇيۇشتۇردى

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئىسلامىي كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە بىر قاتار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار "قۇددۇس كۈنى" نامى ئاستىدا پىيادە يۈرۈدى.

990346
لوندوندا كىشىلەر قۇددۇس كۈنى پىيادە يۈرۈشى ئۇيۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئىسلامىي كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئورۇنلاشتۇرغان پىيادە يۈرۈشكە تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى قاتناشتى. پىيادە يۈرۈش سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ لوندوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدىن باشلاندى. يۈرۈشتە، ئامېرىكا، ئىسىرائىلىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ پەلەستىن سىياسىتى تەنقىد قىلىنغان شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكىلار كۆتۈرۈلدى.

يۈرۈش باشلانغان جايغا، 30 غا يېقىن ئىسىرائىلىيە تەرەپدارىمۇ توپلاندى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى قوللىغان شوئارلار يېزىلغان لوزۇنكا ۋە پۇل كۆتۈرۈۋالغان بەزى ئامېرىكالىقلار بىلەن ئاشقۇن ئوڭچى ئەنگلىيەلىكلەردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا، پەلەستىننى قوللاپ پىيادە يۈرۈگەنلەرنى ھاقارەتلىدى ۋە ئالدىنى توسۇشقا ئۇرۇندى.

ئاشقۇن ئوڭچى ئەنگلىيەلىكلەر يەنە، بۇندىن ئىلگىرى 13 ئايلىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىسلام ۋە كۆچمەنلەرگە قارشى پائالىيەتچى توممى روبىنسوننى قوللاپ شوئارلار توۋلىدى.

ساقچىلار بىلەن ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەن ئاشقۇن ئوڭچى گۇرۇپپىدىكى بەزى كىشىلەر تۇتۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر