«ئۇچرىشىشىمىز ئوڭۇشلۇق بولسا كىم جوڭئۇننى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىشىم مۇمكىن»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۇچرىشىش ئوڭۇشلۇق بولغان تەقدىردە شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

988402
«ئۇچرىشىشىمىز ئوڭۇشلۇق بولسا كىم جوڭئۇننى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىشىم مۇمكىن»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن 12-ئىيۇندا سىنگاپۇردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇچرىشىش ئوڭۇشلۇق بولغان تەقدىردە، كىم جوڭئۇننى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابې ئاقسارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن 12-ئىيۇندا سىنگاپۇردا ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ئۇچرىشىشنىڭ ھەم كورېيە يېرىم ئارىلى ھەمدە پۈتكۈل دۇنياغا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇرەسسەلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

«ئارىمىزدىكى مەسىلە بىرلا قېتىم كۆرۈشۈش بىلەن ھەل بولمايدۇ»دېگەن ترامپ، 12-ئىيۇندا ئۇچرىشىشتا بارلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىنى كۈتۈشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىش ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن تەقدىردە ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلۈش ئېھتىمالىنىڭ بار يوقلۇقى توغرىسىدا سورالغان بىر سوئالغا ترامپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇنىڭ ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، بۇ ئىشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر، بۇنىڭدىن كېيىنكى باسقۇچتا بىزنى قىيىن مەسىلىلەر كۈتۈپ تۇرۇشى مۇمكىن، بىز شىمالىي كورېيە بىلەن مۇناسىۋىتمىزنى نورماللاشتۇرۇشنى ئارزۇ  قىلىمىز.»

ترامپ سىنگاپۇردىكى ئۇچرىشىش كۆڭۈلدىدەك ئاخىرلاشقان تەقدىردە شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇننى ئامېرىكا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: ناۋادا ئىش بىز ئويلىغاندەك بولسا كىم جوڭئۇننى ئامېرىكا تەكلىپ  قىلسام بولىدۇ، بەلكىم ئۇنىڭ زىيارىتى ئاقسارايدىن باشلىشى مۇمكىن، دېدى.

كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان تەقدىردە ياپونىيە، خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ مۇنداق دېدى: «كىم جوڭئۇن بىر ئىشلارنى قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇ خەلقى، ئائىلىسى ھەتتا ئۆزى ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلغۇسى بار.»

شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئېمبارگولار  ۋە ئەڭ ئېغىر بېسىم سىياسىتى توغرۇلۇق سورالغان بىر سوئالغا ترامپ مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن ئەڭ ئېغىر بېسىم سىياسىتى دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتكۈم يوق، شىمالىي كورېيە بىلەن دىپلوماتىك ساھەدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، ناۋادا 12-ئىيۇندىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن بۇ ئىبارىنى ئىشلەتسەم ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمىغانلىقىنى تەخمىن قىلساڭلار بولىدۇ. »

ترامپ كىم جوڭئۇننىڭ يازغان خېتى توغرۇلۇق توختىلىپ: سىلىق  ئۇسلۇب ۋە كەمتەرلىك بىلەن يېزىلغان خەت ئىكەن، دېدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې سۆز قىلىپ، ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىگە تۇتقان سوغۇققان پوزىتسىيەسى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن شىمالىي كورېيە توغرىسىدا بېرىلگەن قارارلارنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان شىنزو ئابې مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىپ ۋەدىسىدە تۇرسا بىزمۇ شىمالىي كورېيەنى قوللايمىز، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر