«شىۋېتسىيە 1915-يىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنى قوبۇل قىلمايدۇ»

شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋاللستروم ئاتالمىش 1915-يىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

988329
«شىۋېتسىيە 1915-يىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنى قوبۇل قىلمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋاللستروم:1915 –يىلدىكى ئەرمەنى ۋە سۇريانى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنى ھازىرقى ئەھۋالدا قوبۇل قىلالمايمىز، دېدى.

ۋاللستروم دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى « SVT» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئاتالمىش 1915-يىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

«شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى 1915-يىلدىكى ئەرمەنى ۋە سۇريانى قەتلىئامى توغرىسىدىكى قاراشلارنى قوبۇل قىلامدۇ؟»دېگەن سوئالغا ۋاللستروم مۇنداق جاۋاب بەردى: «1915-يىلدىكى ئەرمەنى ۋە سۇريانى قەتلىئاملىرى توغرىسىدىكى قاراشلارنى ھازىرچە قوبۇل قىلالمايمىز، بۇ مۇنازىرە ۋە تەتقىق قىلىنىشى كېرەك بولغان مۇھىم مەسىلىدۇر.»

بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ۋاللستروم: كەلگۈسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قاراشلىرىنى قوبۇل قىلمايمىز، دېيەلمەيمىز. لېكىن ھازىرچە بۇ قاراشنى قوبۇل قىلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپلەپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىمىز لازىم، دېدى.

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ستېفان لۆۋفانمۇ بۇ يىل 1-مايدا « SVT» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش 1915-يىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلارنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى 1915-يىلدىكى ۋەقەلەر توغرىسىدىكى ئەرمەنىلەرنىڭ قاراشلىرى ۋە سۇرىيانىلار ھەققىدە 2010-يىلى پارلامېنتتا چىقىرىلغان قارارنى ئىككى يىل ئىلگىرى ئىناۋەتسىز قىلغانلىقىنى، بۇ مەسىلىنى مۇستەقىل تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ تەتقىقات قىلىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر