نېتانياھۇنىڭ فىرانسىيە زىيارىتى كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەسىتنلىكلەرگە قىلغان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

986713
نېتانياھۇنىڭ فىرانسىيە زىيارىتى كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇنىڭ فىرانسىيە زىيارىتى كۈتكەن يېرىدىن چىقمىدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون (Emmanuel Macron) نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ماكرون يىغىندا: مەن بۇ يەردە غەززەلىكلەر دۇچار بولىۋاتقان زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن، دېدى.

نېتانياھۇ بىلەن كۆرۈشكەندە رايونلۇق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى ئېيتقان ماكرون، ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ماكرون قۇددۇسنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ پايتەختى بولۇشى ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇشۇ تەرىقىدە ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

نېتانياھۇ بىلەن فىرانسىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۈستىدىمۇ كېڭەش قىلغانلىقلىرىنى  ئېيتقان پىرېزىدېنت ماكرون، فىرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدا نۇرغۇن ساھەدە ئورنىتىلغان ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر