كېنىيەدە 10 كىشى ئولتۇرغان ئايروپىلان يوقاپ كەتتى
كېنىيەنىڭ قىتالە شەھىرىدە 10 كىشى ئولتۇرغان كىچىك تىپتىكى بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى.
987025
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيە پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، « Fly Sax » شىركىتىگە ئائىت كىچىك تىپتىكى بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى قىتالە شەھىرىدىن پايتەخت نايروبىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا راداردىن يوقاپ كەتكەن بولۇپ، شۇ جاي ۋاقتى سائەت 14 تە راداردا كۆرۈلگەن ئايروپىلاندا 8 يولۇچى بىلەن 2 ئايروپىلان خادىمى بار ئىكەن.
يەرلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلاننىڭ كېنىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئابېردارېس تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.