يەمەن ئومۇمىي خەلق كېڭىشى يەمەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا

يەمەندە سابىق پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق كېڭىشى يەمەندىكى كىرىزىسنى تۈگىتىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلماقتا.

985943
يەمەن ئومۇمىي خەلق كېڭىشى يەمەن كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە سابىق پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ باشچىلىقىدا قۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى، يەمەندە 2014-يىلى توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستانغا ماڭدى.  

كېڭەش ئەزالىرى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەبۇبەكىر ئەل-قۇربى باشچىلىقىدا رىيادقا يېتىپ كەلدى.

كېڭەش ئەزالىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى بىلەن يەمەندىكى شىئە ھۇسىيلارغا قارشى كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

قۇربى يەنە يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قىيىنچىلىقلارنى تۈگىتىش ۋە تىنچلىق ۋە ئامانلىققا تەشنا بولىۋاتقان يەمەن خەلقى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قۇربى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يەمەندىكى بارلىق تەشكىلات ۋە گۇرۇھلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

يەمەندە 2014-يىلدىن بۇيان قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ كېلىۋاتقان شىئە ھۇسىيلار بىلەن سالىھ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدا  كېلىپ چىققان ئىختىلاپلار، بۇلتۇر نويابىردا قانلىق توقۇنۇشلارغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.

سابىق پىرېزىدېنت سالىھ بۇلتۇر 4-دېكابىردا پايتەخت سەنئادىن جەنۇبتىكى سەنھان ناھىيەسىگە قاراپ مېڭىۋاتقاندا شىئە ھۇسىيلار تەرىپىدىن پىستىرمىغا چۈشۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

سالىھ تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئومۇمىي خەلق كېڭىشى،  كېڭەشكە ئەزا نۇرغۇن كىشىنىڭ شىئە ھۇسىيلارنىڭ زىندانلىرىدا يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىققا سەھنە بولۇپ كېلىۋاتقان يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغالغان شىئە ھۇسىيلار، 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا ۋە بەزى رايونلارنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار 2015-يىلى مارتتىن بۇيان ھۆكۈمەتنى قوللاپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر