فىرانسىيەدە سۇ ئاپىتىنىڭ تەسىرى ئېغىر بولدى

فىرانسىيە مېتېرولوگىيە ئىدارىسى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە غەربىي شىمالىدا بوران ۋە قاتتىق ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن 16 رايوندا قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

986460
فىرانسىيەدە سۇ ئاپىتىنىڭ تەسىرى ئېغىر بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە غەربىي شىمالىدا ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سەلدە بىر ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

پىسېيۇكس شەھىرىدە 37 ياشلىق بىر ئادەم سۇ توشۇپ كەتكەن ئاپتوموبىلىدا جان ئۈزدى.

توختىماي قاتتىق ياغقان يامغۇر سەۋەبىدىن فىرانسىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا سۇ ئاپىتى يۈز بەردى. شىمالغا جايلاشقان مورلاكس شەھىرى سەلنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى. نۇرغۇن شىركەت ۋە ئۆيلەرنى سۇ بېسىپ كەتتى. سۇ چىقىرىش ئىشلىرى كۈن داۋام قىلدى.

پايتەخت پارىژ ۋە ئەتراپىدىكى نۇرغۇن تاشيوللاردا يامغۇر سەۋەبىدىن قاتناش توختىدى، ئەتىگەن سائەتلەردە يوللاردا قاتار تىزىلىپ كەتكەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر قانچە كىلومېتىرغا يەتتى.

قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشى تەبىئىي ئاپەت سەۋىيەسى ھېسابلىنىدىغان قىزىل رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشتىن بىر دەرىجە تۆۋەن تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر