تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەرنىڭ بىر قولۋىقى چۆكۈپ كەتتى

تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر قولۋىقىنىڭ چۆكۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 46 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

984982
تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدە كۆچمەنلەرنىڭ بىر قولۋىقى چۆكۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بىر قولۋاقنىڭ دېڭىزدا چۆكۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تۇنىسنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سفاكس شەھىرىدىكى دېڭىز ئارمىيە قىسمى كەركەنە ئارىلىدىن بەش مىل يىراقلىقتىكى دېڭىز تەۋەلىكىدىن يەتتە چەت ئەللىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 68 كۆچمەننى قۇتقۇزۇۋالغان.

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، چۆكۈپ كەتكەن قولۋاقتا تەخمىنەن 180 چەت ئەللىك قانۇنسىز كۆچمەن بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 80 كۆچمەن ئافرىقالىق ئىكەن.

باياناتتا، دېڭىز قىسىملىرىنىڭ تىك ئۇچار، غەۋۋاس ۋە پاراخوتلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

تۇنىسنىڭ ئىتالىيە ساھىللىرىغا يېقىن بولۇشى، ئۈمىد سەپىرىگە چىققانلار ئۈچۈن ئاقدېڭىزدىكى خەتەرگە تەۋەككۇل قىلغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر بارىدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر