پۇتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى پارچىلاشتەك بىر مۇددىئاسىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

985388
پۇتىن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەنىڭ ORF تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن پۇتىن، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە بىر پارچىلىنىش بولۇشى دېگەندەك بىر نىشانىمىز يوق. ئەكسىچە بىرز باياشات ۋە بىرلىك ئىچىدىكى بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپدارىمىز. چۈنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ۋە ئىقتىسادىي شېرىكىمىز» دېدى.

پۇتىن سۆھبەت جەريانىدا ئەتە ئاۋسترىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر