پەلەستىنلىك ئەمەلدار ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

پەلەستىن مىللىي مەجلىسى باشلىقى سەلىم ئەززانۇن، پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا ئالاقىدار ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار لايىھەسىنى رەت قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

984705
پەلەستىنلىك ئەمەلدار ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى پوزىتسىيەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەلىم ئەززانۇن يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلغان ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار لايىھەسىنى رەت قىلىش ئارقىلىق ئىسرائىلىيە سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلەرگە شېرىك بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇۋەققەت ئەزالىرىدىن كۇۋەيت سۇنغان لايىھەنى تۈنۈگۈنكى بېلەت تاشلاشتا رەت قىلغانىدى. لايىھەگە كۇۋەيت، بولىۋىيە، خىتاي، پىل چىشى قىرغىقى، ئېكۋاتور گىنەسى، فىرانسىيە، قازاقىستان، پېرۇ، شىۋېتسىيە ۋە رۇسىيە قوللاپ بېلەت تاشلىغان؛ كېڭەشنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن ئەنگلىيە بىلەن مۇۋەققەت ئەزالاردىن پولشا، گوللاندىيە ۋە ئېفىئوپىيە بېلەت تاشلاشتىن چېكىنگەنىدى.

بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان قارار لايىھەسىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ھاماسنىڭ ئەيىبلىنىشى تەلەپ قىلىنغان قارشى لايىھەسىنى ئاۋازغا قويغان، ئەمما شەرت قىلىنغان 9 ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمىغانىدى.

ئامېرىكىنىڭ تەكلىپىگە پەقەت ئامېرىكا ئۆزىلا قوللاپ، رۇسىيە، كۇۋەيت ۋە بولىۋىيە قارشى بېلەت تاشلىغان، قالغان 11 دۆلەت بولسا، ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ۋاز كەچكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر