نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا ئېغىر قو راللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى.

984528
نىگېرىيەنىڭ شىمالىدا ئېغىر قو راللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: زامفارا ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى مۇھەممەد شەھۇ بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمدا يارىلانغانلارنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى، ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇم ۋەھىمىسى تۈپەيلى كۆپ ساندا كىشىنىڭ رايوندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقىنى قەيت قىلغان شەھۇ، ۋەقە جەريانىدا كۆپ ساندا مال – چارۋىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مەزكۇر رايون پات – پاتلا پادىچىلار بىلەن دېھقانلارنىڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلىرىغا سەھنە بولىدۇ. زامفارا ئۆلكىسىدە ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن ھەپتە قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ، 26 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر