لاۋروۋدىن كىم جوڭئۇنغا سىرلىق ھەدىيە

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ تۈنۈگۈن (31-ماي) پىيوڭياڭدا بىر يەرگە جەم بولغان شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇنغا، ئۈستىگە رەسىم سىزىلغان ۋە قۇلۇپلىنىدىغان سىرلىق بىر ياغاچ قۇتا ھەدىيە قىلدى.

983576
لاۋروۋدىن كىم جوڭئۇنغا سىرلىق ھەدىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ «‹سپۇتنىك› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن پىيوڭياڭدا بىر يەرگە جەم بولغان.

كورېيە يېرىم ئارىلىدا تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىنى قوللاش ۋە سۈركىلىشنى ئازايتىش نىشان قىلىنغان ئۇچرىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن. لاۋروۋ ئۈستىگە رەسىم سىزىلغان ۋە قۇلۇپلىنىدىغان سىرلىق قۇتىنى كىم جوڭئۇنغا بېرىۋېتىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ قۇتىنى ياقتۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن، مانا بۇ ئاچقۇچى، بۇ قۇتىدا مەخپىي نەرسىلىرىڭىزنى ساقلىسىڭىز بولىدۇ.»

ئىگىلىنىشىچە، سىرلىق قۇتىنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر