دۇنيادا بىر مىليارد 200 مىليون بالا خەۋپ ئاستىدا

«بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار» ناملىق ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى خەلقئارالىق ئورگان دۇنيادا بىر مىليارد 200 مىليون بالىنىڭ خەۋپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

983195
دۇنيادا بىر مىليارد 200 مىليون بالا خەۋپ ئاستىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادا 1 مىليارد 200 مىليون بالا خەۋپ ئاستىدا... «بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار» ناملىق ئىجتىمائىي كۈچلەر باشقۇرۇشىدىكى خەلقئارالىق ئورگان دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيادا بالىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنىڭ يوقسۇللۇق، توقۇنۇش ۋە قىزلارنى كەمسىتىش خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1 مىليارد بالا يوقسۇللۇق، 240 مىليون بالا توقۇنۇش، 575 مىليون قىز قىزلارنى كەمسىتىش خەۋپى بار دۆلەتلەردە ياشىماقتا ئىكەن. دوكلاتتا يەنە، 1 مىليارد 200 مىليون بالىنىڭ يۇقىرىقى 3 تۈرلۈك خەۋپنىڭ بىرىگە؛ جەمئىي 20 دۆلەتتە ياشاۋاتقان 153 مىليون بالىنىڭ 3 تۈرلۈك خەۋپنىڭ ھەممىسىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

دۆلەتلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلگەن تەكشۈرۈش بولسا، بالىلارنى مۇھاپىزەت قىلىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 5 دۆلەتنىڭ تەرتىپى بويىچە سىنگاپۇر، سىلوۋېنىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر