ترامپ-كىم جوڭئۇن كۆرۈشۈشىگە جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىمۇ قاتنىشىدۇ

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىننىڭمۇ ترامپ-كىم جوڭئۇن كۆرۈشۈشىگە قاتنىشىش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

980538
ترامپ-كىم جوڭئۇن كۆرۈشۈشىگە جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىمۇ قاتنىشىدۇ

تۈركىيە  ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جىيائىننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئارىسىدا كېلەر ئاي ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان كۆرۈشۈشكە قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يونھاپ ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتلىق ئىدارىسىنىڭ بىر مەسئۇلىنىڭ تىرامپ بىلەن كىم جوڭئۇن ئارىسىدا 12-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ترامپ ئۆتكەن ھەپتە شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇنغا خەت ئەۋەتىپ، بەزى باياناتلار سەۋەبىدىن 12-ئىيۇندا سىنگاپۇردا ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆرۈشۈشكە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىم كىي-گۋان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ كۆرۈشۈشنى بىكار قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا دونالد تۋىتتېر ئادرېسىدا ترامپ شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى، ھەتتا 12-ئىيۇندا كۆرۈشسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇچۇر يازدى.

ئامېرىكا ھەيئىتى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جوڭئۇن ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىمالى بولغان مۇزاكىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى توغرۇلۇق شىمالىي كورېيە رەھبەرلىرى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ پانمۇنجوم يېزىسىدا كۆرۈشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر