پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى سايىب ئۇرەيقات ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى.

980107
پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىسرائىلىيەنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى سايىب ئۇرەيقات، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىندىكى تۇرالغۇ رايون لايىھەلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇرەيقات پورتۇگالچە چىقىدىغان «ئانگولا»گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن ئىسرائىلىيەنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىنى قوللىماي بايقۇت قىلىشقا چاقىرىپ: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىندىكى تۇرالغۇ جاي لايىھەلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئافرىقا دۆلەتلىرىدە خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، دېدى.

ئىسرائىلىيە  ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش، ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئەلچىخانىلىرىنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى قۇددۇسقا يۆتكەشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئۇرەيقات ئافرىقا دۆلەتلىرىنى «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش بولسا پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشتۇر»دېگەن جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر