93 ياشلىق چوڭ بۇش دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى

ئامېرىكانىڭ 41-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى جورج ھ. ۋ. بۇش (George H.W. Bush) دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى.

980277
93 ياشلىق چوڭ بۇش دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 93ياشلىق سابىق پىرېزىدېنت بۇشنىڭ باياناتچىسى جىم مىكگرەس بۇشنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ سابىق پىرېزىدېنتنىڭ قان بېسىمىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ۋە ھارغىنلىق سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى مىكگىرەس ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، بۇشنىڭ دوختۇرخانىدا بىر قانچە كۈن داۋالىنىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ۋە ئەقلى-ھوشىنىڭ جايىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

دوختۇرخانا مەسئۇللىرى سابىق پىرېزىدېنت بۇشنىڭ سالامەتلىكىگە مۇناسىۋەتلىك باياناتلارنى بۇش ئائىلىسىنىڭ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.


خەتكۈچ: #چوڭ بۇش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر