ئەنگلىيە پارلامېنتى تىرېسا ھۆكۈمىتىنى رۇسىيەنىڭ قىلمىشىغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى

ئەنگلىيە پارلامېنتى تىرېسا مېينى رۇسىيەنىڭ قارا پۇل يۇيۇش قىلمىشىغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

975765
ئەنگلىيە پارلامېنتى تىرېسا ھۆكۈمىتىنى رۇسىيەنىڭ قىلمىشىغا كۆز يۇمۇش  بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئالاقە كومىتېتى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي دەۋرىدىكى ھۆكۈمەتنى رۇسىيەنىڭ لوندون ئارقىلىق قارا پۇل يۇيۇشىغا كۆز يۇمۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

كومىتېت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «موسكۋانىڭ ئالتۇنى: ئەنگلىيەدىكى رۇسلارنىڭ چىرىكلىكى»ناملىق دوكلاتتا، ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيە بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىنغا قاراتقان سىياسىتى تەنقىد قىلىندى.

جاسوس سېرگېي سكرىپلا بىلەن قىزىنىڭ ئەنگلىيەدە بۇ يىل مارتتا زەھەرلىنىپ ئۆلۈشىدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ موسكۋاغا دىپلوماتىك ئېمبارگولار يولغا قويۇشنى قارار قىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، ھۆكۈمەتنىڭ رۇسىيە بىلەن «بۇرۇنقىدەك ئىش قىلىشنى»داۋاشتۇرۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

لوندوندىكى بازارلارنىڭ رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق سارىيىنىڭ  لوندوندا قارا پۇل ئاقلاشىغا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن دوكلاتتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ «چىرىكلىكنى يوشۇرۇش ئۈچۈن لوندون بازارلىرىدىن پايدىلانغانلىقى»ئەسكەرتىلدى.

«بۇنداق ئىشلارغا زەربە بېرىش ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم تاشقى سىياسىتى بولۇشى لازىم»دېيىلگەن دوكلاتتا، «ئەنگلىيەنىڭ پۇتىننىڭ زوراۋان قىلمىشلىرىغا توسالغۇ بولۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى»بىلدۈرۈلگەندىن سىرت، تىرېسا ھۆكۈمىتى  لوندوندا قارا پۇل يۇيۇش قىلمىشىنىڭ يۈز بېرىشى توغرىسىدا پەيدا بولغان قاراشلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر