ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەۋقۇلئاددە يىغىنى

تۈركىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن قۇددۇس مەسىلىسى توغرۇلۇق ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

973743
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەۋقۇلئاددە يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پەلەستىنتىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن قىلغان چاقىرىقىغا ئاساسەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا، 13 دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى، 2 مۇئاۋىن پىرېزىدېنت، 3 مۇئاۋىن باش مىنىستىر، 12 تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن سىرت يەنە، 11 دۆلەتتىن يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلومات ۋە ۋاكالەتچىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

يىغىنغا، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقى، باش مىنىستىر ۋە مۇئاچىن باش مىنىستىر سەۋىيەسىدە، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غانى، ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ، سۇدان پىرېزىدېنتى ئۆمەر ئەلبەشىر، گىۋىنېيە – بىسسائۇ پىرېزىدېنتى جوسې مارىئو ۋاز، گىۋىنېيە پىرېزىدېنتى ئالپھا گوندې، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمد ئالسانى، كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ، ماۋرىتانىيە پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ۋەلەد ئابدۇلئەزىز، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاقىنجى، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھىد ھاقان ئابباسى ۋە قىرغىزىستان باش مىنىستىرى مۇھەممەدقالى ئابىلغازىيېۋ، ھىندونېزىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى يۈسۈف كاللا، گامبىيە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ئاجا فاتوماتتا تامباجاڭ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساي، سومالى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەھدى ،ھەققىدە جۇلىد، يەمەن مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلمەلىك ئەلمىھلافى قاتارلىقنىڭ قاتنىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

پەلەستىن باش مىنىستىرى رامى ھەمدەللاھ بىلەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى باش كاتىپى يۈسۈف بىن ئەھمەد ئەلئۇسەيمىن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر پەۋقۇلئاددە يىغىنى دائىرىسىدە ئىستانبۇلدا بىر يەرگە جەم بولدى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى غەززە چېگراسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە چوڭ پالاكەتنىڭ 70 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغان پەلەسىتنلىكلەرنى  ئوققا تۇتۇشى نەتىجىسىدە 62 پەلەسىتنلىك شېھىت بولغان، 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر