پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھىزبۇللاھنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

سەئۇدى ئەرەبىستان، لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى باش كاتىبى ھەسەن ناسراللاھ بىلەن مۇئاۋىنى قاسىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 8 كىشى ۋە 2 ئورگاننى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

973027
پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ھىزبۇللاھنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «SPA»نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، ھىزبۇللاھنىڭ قارار مەركىزى شۇرا كېڭىشى ئەزالىرىدىن ناسراللاھ ۋە قاسىمدىن باشقا يەنە، مۇھەممەد يەزبەك، ھۇسەيىن خەلىل، ئىبراھىم ئەمىن ئەسسەيىد قاتارلىق كىشىلەرنىڭمۇ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ قارارنىڭ تېررورلۇقنىڭ مالىيە مەنبەسىگە زەربە بېرىش مەركىزىي «TFTC» نىڭ تەڭ دەىرىجىلىك باشلىقى ئامېرىكا ھەمدە ئەزا دۆلەتلەردىن بەھرەين، كۈۋەيت، ئۇممان، قاتار ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىنمۇ ئورتاق ماقۇللانغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ھىزبۇللاھنى قوللاش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەردە بولغان تالال ھاممىيە، ئەلى يۈسۈف شەررارا ۋە ھۈسەيىن ئىبراھىمى قاتارلىق 3 كىشى بىلەن «Spectrum Group» ۋە «ماھىر قۇرۇلۇش ۋە ھۆددىگەرلىك شىركىتى» نىڭمۇ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. بۇ كىشىلەر ۋە ئورگانلارنىڭ ب د ت نىڭ 1373 - نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ماس ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تېررورلۇققا ۋە تېررورلۇقنى مالىيە بىلەن تەمىنلەش جىنايەتلىرىگە قارشى كۈرەش سىستېمىسىنىڭ خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. تىزىملىككە ئېلىنغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەردىكى بارلىق مال - مۈلكى توڭلىتىلدى.

باياناتتا، «ھىزبۇللاھ يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئەيىبلىنىش بىلەن بىرگە يەنە، ھىزبۇللاھنىڭ قوراللىق ياكى سىياسىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئەزالىرىنىڭمۇ بۇ جەھەتتە پەرقلەنمەيدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.  

ھىزبۇللاھ ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى ئىران يۇقىرىقى باياناتتا، «سۈرىيەدىكى ئىنسانىيەتكە زىت مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇش، ئىراق ۋە يەمەندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش، لىۋاننى ۋە لىۋان خەلقىنى خەۋپكە ئىتتىرىشتىن باشقا يەنە، پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش بىلەن» ئەيىبلەندى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىمۇ قىسقىغىنە مەزگىل ئىلگىرى ھىزبۇللاھ باش كاتىپى ناسراللاھقا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلگەنلىكىنى، نائىم قاسىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە 4 ئەمەلدارنىڭ تۇنجى قېتىم ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر