ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 8 ئايلىق بوۋاقنىمۇ قەتل قىلدى

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى غەززە چېگراسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە «چوڭ پالاكەت» ۋەقەسىنىڭ 70 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزگەن نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتتى.

972550
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى 8 ئايلىق بوۋاقنىمۇ قەتل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى شېھىت قىلغان 62 پەلەستىنلىك ئىچىدە 51 ياشلىق ناسىر ئەھمەد غۇراب ئىسىملىك پەلەسىتنلىكمۇ بار ئىكەن. ۋەقەلەردە يارىلانغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 770 تىن ئېشىپ كەتكەن. شېھىتلەردىن 8 ى 18 ياشتىن كىچىك بالىلار بولۇپ، يارىلانغانلاردىن 225 ى نارىسىدە بالا، 86 سى ئايال ئىكەن.

قەتلىئام جەريانىدا 8 ئايلىق «لەيلا» ئىسىملىك بوۋاقمۇ ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئاتقان ياش ئاققۇزۇش گاز بومبىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلاردىن بىرى بولۇپ، لەيلانىڭ ئانىسى مەريەم ئەلغەندۇر ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ مۇھەببىتىگە تېخى قانالمىغان كۆز قارىچۇقىدىن ئايرىۋەتكەنلىكىنى يامغۇردەك تۆكۈلۈۋاتقان كۆز ياشلىرى ئىچىدە بايان قىلغان.

قىزىنىڭ ھەمىشە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان بىر بوۋاق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن غەندۇر، ياش ئاققۇزۇش گاز بومبىلىرى بىلەن بالىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر