پەلەستىن ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلىنى قايتۇرۇپ كەتتى

پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلىنى قايتۇرۇپ كەتتى.

972547
پەلەستىن ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلىنى قايتۇرۇپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش قارارىغا جاۋاب سۈپىتىدە پەلەستىننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ۋەكىلى ھوسام ئاملوتنى قايتۇرۇپ كەتكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېل ئاۋىۋدىكى باش ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش توغرۇلۇق قارار چىقىشىدىن كېيىن غەززەدە باشلانغان نامايىشلارغا ئىسرائىلىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھەقىقىي ئوقلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 62 پەلەسىتنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر