ئىران بىر تۈركۈم دائېش ئەزالىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى

ئۆتكەن يىلى ئىران پارلامېنتى ۋە ئىنقىلاب رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھۇمەينىنىڭ قەبىرىسىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملارغا چېتىلىپ سوتلىنىۋاتقان دائېش ئەزالىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

969586
ئىران بىر تۈركۈم دائېش ئەزالىرىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن يىلى ئىران پارلامېنتى ۋە ئىنقىلاب رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھۇمەينىنىڭ قەبىرىسىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇملارغا چېتىلىپ سوتلىنىۋاتقان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى 8 كىشى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

تېھران ئىنقىلاب مەھكىمىلىرى باشلىقى گازانفەر ئابادى ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئۆتكەن يىلى بىرلا ۋاقىتتا يۈز يەرگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ سوتلانغان دائېش ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، گۇماندارلارنىڭ 20 كۈن ئىچىدە ھۆكۈمنامىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى بارلىقىنى قەيت قىلىپ، قالغان 18 گۇماندارنىڭ سوتلىنىش مۇساپىسىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

2017 – يىلى 7 – ئىيۇندا ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى پارلامېنت بىناسى ۋە ھۇمەينىنىڭ قەبرىسىدە بىرلا ۋاقىتتا بومبا ۋە قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەلەردە 17 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر