خىتاي تۇنجى يەرلىك ئاۋىياماتكىسىنى سىناق قىلىشنى باشلىدى

خىتاينىڭ تۇنجى يەرلىك ئاۋىياماتكىسى ئۇچۇرلىشىش، يېقىلغۇ، ئوت ئاپىتى بىخەتەرلىكى دېگەندەك ئاساسىي سىستېمىلىرىنى سىناق قىلىش سەپىرىنى باشلىدى.

969695
خىتاي تۇنجى يەرلىك ئاۋىياماتكىسىنى سىناق قىلىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي كېمەسازلىق سانائىتى شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان Type-001A تىپلىق يەرلىك ئاۋىياماتكا لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى دالىيەن پورتىدىن مۇراسىم ئارقىلىق يولغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇچۇرلىشىش، ئوت ئۆچۈرۈش، يېقىلغۇ ۋە سىم يوللىرى دېگەندەك ئاساسلىق سىستېمىلىرى سىناق قىلىنىدىكەن. سىناق جەريانىدا ئاۋىياماتكىدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە قورال سىستېمىلىرى ئورۇن ئالمايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ياساش خىزمىتى 2012 – يىلى باشلانغان 001A تىپلىق ئاۋىياماتكا ئايروپىلانلارنىڭ قوزغىلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن يۇقىرىغا ئېگىك قىلىپ ياسالغان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 315 مېتىر، كەڭلىكى 75 مېتىر، ئېغىرلىقى 50 مىڭ توننا كېلىدىكەن.

خىتاي كېمەسازلىق سانائىتى شىركىتى، تۇنجى سەپىرىنى باشلىغان يەرلىك ئاۋىياماتكىنى 6 ئاي بويىچە ھەر خىل سىناقلاردىن ئۆتكۈزىدىكەن. ئىقتىدارى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن ئاۋىياماتكىنىڭ رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن 40 ئەتراپىدا J-15 ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېلىپ يۈرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمەكتە.

ئۆتكەن يىلى ئاپرېل ئېيىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ دېڭىزغا چۈشۈرۈلگەن 001A تىپلىق ئاۋىياماتكىنىڭ 2020 – يىلى ۋەزىپىگە قاتناشسا بولىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ، ئارمىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر