گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل  ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

968658
گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل ئىران پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى ستېففېن سېيبېرت تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مېركېل بىلەن رۇھاننىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2015 – يىلى ئىران بىلەن تۈزگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: « تېلېفون سۆھبىتىدە،  باش مىنىستىر مېركېل ئىران يادرو كېلىشىمىگە رىئايە قىلغان تەقدىردە، گېرمانىيەدىن سىرت يەنە، فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭمۇ كېلىشىمدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى ۋە رايونلۇق پائالىيەتلىرى مەسىلىلىرىدە، ئىران ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا كەڭ كۆلەملىك مۇزاكىرىلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى . تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، مېركېل ئىسرائىلىيەگە راكېتامىيوت ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىراننى ئەيىبلىدى، ھەمدە ئىراندىن رايوندىكى سۈركىلىشنى ئازايتىشقا ھەسسە قوشۇشىنى تەلەپ قىلدى.»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىمۇ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلگە، دۆلىتىنىڭ رايوندا يېڭى سۈركىلىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، ھەسەن رۇھانى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق سۆز ئاچماستىن مۇنداق دېگەن: «رايوندا ھېچقانداق بىر شەكىلدە يېڭى سۈركىلىشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى قەتئىي خالىمايمىز.»

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلىتىنى يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىشدۈرۈش قارارىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھەسەن رۇھانى، ئانگېلا مېركېلگە بۇنىڭ خەلقئارا سەھنىدە كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەر ھەم زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ھەم ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

ئۇ يەنە، ياۋروپا ئەللىرىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىش قارارىدىن كېيىن ئىراننىڭ كېلىشىمدىكى مەنپەئەتلىرىنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا بايانات ئېلان قىلىشلىرىنى تەلەپ قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر