ياپونىيە بىلەن خىتاي قىزىل سىزىق ئالاقە مېخانىزمىنى ئىشقا سالىدىغان بولدى

ياپونىيە بىلەن خىتاي، ياختۇرۇلمايدىغان ھەربىي توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىزىل سىزىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقە مېخانىزمىنى ئىشقا سالىدىغان بولدى.

967539
ياپونىيە بىلەن خىتاي قىزىل سىزىق ئالاقە مېخانىزمىنى ئىشقا سالىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، توكيودا ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە خىتاي باش مىنىستىرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن، خىتاي بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا تەرتىپلىك دىيالوگ ۋە قىزىل سىزىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقە مېخانىزمنىڭ ئىشقا سېلىنىشىغا دائىر ھۆججەتنىڭ ئىمزالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، جوغراپىيە مەسىلىلىرى ئۈستىدە ھېچ قانداق قاراتمىلىقى بولماستىن، 8ئىيۇندىن ئېتىبارەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بۇ مېخانىزمنى قۇرۇپ چىقىش پىلانىنىڭ ئەسلىدە 2007يىلى قوبۇل قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

2012يىلى توكيو دائىرىلىرى سانكاكۇ ئارىلىنى دۆلەتكە ئۆتكۈزۈۋېلىشقا دائىر بايانات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا جىددىيچىلىك ئەۋجىگە چىققان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر