ئىسرائىلىيە گولان تۆپىلىكىگە «تۆمۈر گۈمبەز مۇداپىئە سىستېمىسى»نىڭ باتارىيەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى گولان تۆپىلىكىگە سىرتتىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى «تۆمۈر گۈمبەز مۇداپىئە سىستېمىسى»نىڭ باتارىيەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

967004
ئىسرائىلىيە گولان تۆپىلىكىگە «تۆمۈر گۈمبەز مۇداپىئە سىستېمىسى»نىڭ باتارىيەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى گولان تۆپىلىكىگە «تۆمۈر گۈمبەز مۇداپىئە سىستېمىسى»نىڭ باتارىيەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، گولان تۆپىلىكى بولۇپ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا پاترىيوت راكېتامىيوتلىرى بىلەن تۆمۈر گۈمبەز مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ باتارىيەلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىۋاتقانلىقى بىدۈرۈلدى.

ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ نۆۋەتتىكى يىرىك مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شىمال تەرەپتىن كېلىدىغان خەتەرلەرگە قارشى تەييار ھالەتتە تۇرۇۋتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ،  شىمالدىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى ئارمىيەنىڭ يوليۇرۇقلىرىغا بويسۇنۇشقا چاقىرىلدى.  

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرىدا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە، «ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تىزىملىكىدە ئىسمى بولغان پىدائىي ئەسكەرلەر بىلەن ئىچكى مۇداپىئە قىسىملىرىدا بۇرۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن ئەسكەرلەر»نىڭ ئارمىيەگە قاتنىشىشقا چاقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشنى قارار قىلىشىغا ماس ھالدا، ئامېرىكىنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىسىمۇ «رايوندىكى سۈركىلىشلەر»سەۋەبىدىن ئامېرىكا پۇقرالىرىنى گولان تۆپىلىكىگە بارماسلىققا چاقىردى.

ئىسرائىلىيە سۈرىيەگە تەۋە گۆلان تۆپىلىكىنى 1967-يىلدىن بۇيان كونترول ئاستىدا تۇتماقتا.

ئىسرائىلىيە سۈرىيەدە 2011-يىلى ئىچكى ئۇرۇش پارتىلغاندىن بۇيان سۈرىيە ۋە گولان تۆپىلىكىدىن ئىسرائىلىيە زېمىنلىرىغا راكېتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان ھىزبۇللاھ قوراللىق ئۇنسۇرلىرى ۋە ئەسەدكە تەۋە ھەربىي بازىلارنى پات-پات بومباردىمان قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر