شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا ئىككى تەرەپ سودا مۇناسىۋىتى ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى.

967147
شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شى جىنپىڭ بىلەن ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ پىرېزىدېنت ترامپقا ئىككى دۆلەت سودا ھەيئىتىنىڭ، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنى ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق بولۇشنى ئاساس قىلغان ھالدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ كېلەركى ئاينىڭ باشلىرىدا ئەمەلگە ئېشىشى پىلان قىلىنغان كۆرۈشۈشنى قوللىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە، ۋاشىنگتون بىلەن پىيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇلۇشىنى ۋە تەرەپلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى دىيالوگ بىلەن ھەل قىلىشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى، خىتاينىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، ئىقتىسادىي ۋە سودا مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.

ترامپ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مەيدانىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى، كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر