لى كېچاڭنىڭ ھىندونېزىيە زىيارىتىدە، تالاش – تارتىشلىق جەنۇبىي دېڭىز مۇزاكىرە قىلىندى
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ تىنچلىقى بىلەن مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ جاكارتادا، ھىندونېزىيە باش مىنىستىرى جوكو ۋىدودو بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئەركىن سەپەر، مۇقىملىق ۋە تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن ئورتاق خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لى كېچياڭ باياناتىدا، رايوندىكى بارلىق قوشنا دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىنىڭ قوغدىلىشى ۋە تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشتا خىتاينىڭ قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسلىسىگە دائىر تالاش– تارتىشلارنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن رامكا كېلىشىمى تېخىچە مۇزاكىرە باسقۇچىدا تۇرماقتا.
ساھىلدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش– تارتىشى سەۋەبىدىن خەلقئارالىق دېڭىز ساھەسى مەسلىسىدە خىتاينىڭ فلىپپىن بىلەنلا ئەمەس، ۋېيتنام، مالايشىيا، برۇنى ۋە تەيۋەن بىلەنمۇ چوڭقۇر يېرىكچىلىكلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەممىنىڭ دىققىىتىنى تارتماقتا.
خىتاي 1947 – يىلى ئېلان قىلىنغان 9 ئۈزۈك سىزىقلىق خەرىتىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا، تالاش – تارتىشلىق دېڭىز ساھەسىنىڭ %80 نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ تالاش - تارتىشلىق دېڭىز ساھەسىدە سۇنئىي ئاراللارنى ياساپ، قۇرۇپ چىققان بازىلىرىغا قورال ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېرىكچىلىكلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا.