كىم جوڭئۇن ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى تۇيۇقسىز خىتايدا زىيارەتتە بولدى

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشىدىن ئىلگىرى خىتايدا كۈتۈلمىگەن زىيارەتتە بولدى. كىم چوڭئۇن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى.

966654
كىم جوڭئۇن ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى تۇيۇقسىز خىتايدا زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ رەسمىي تېېلۋىزىيەسى «CCTV» شى جىنپىڭ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ دالىيەن شەھىرىدە دېڭىز بويىدا بىرلىكتە سەيلە قىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇامۇ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئۇچرىشىشلارنىڭ ئىشقا ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، كىم جوڭئۇن ئۇچرىشىشتا شى جىنپىڭغا كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن تازىلاشقا قارىتا شىمالىي كورېيە ھەر دائىم رىئايە قىلىش پوزىتسىيەسى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «مۇناسىۋەتلىك ھەر قايسى تەرەپلەر دۈشمەنلەرچە سىياسەتلەردىن ۋە بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىدىن ئۇزاق تۇرىدىغانلا بولسا، دۆلەتنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە بولۇشىغا كېرەك قالمايدۇ. يادرو قوراللارنى تازىلاش باسقۇچىغا يېتىپ بارالايدۇ. ئۈمىد قىلىمەنكى، ئامېرىكا ۋە شىمالىي كورېيە دىيالوگ يولى ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشەنچنى بارپا قىلالايدۇ. بارلىق تەرەپلەر كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللاردىن تازىلاش مەسىلىسىنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن باسقۇچمۇ باسقۇچ شۇنداقلا تەڭ بىرلا ۋاقىتتا تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى لازىم» دېگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بولسا، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەت ۋە ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەردىكى ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى ئۈچۈنمۇ ئورتاق خەزىنە ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن شى جىنپىڭ: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەر ئىككى تەرەپنىڭمۇ قەتئىي پوزىتسىيەسىدۇر ۋە بىردىن بىر توغرا تاللاشتۇر. ئىككى تەرەپ ئۆتكۈزگەن يۇقىرى سەۋىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم تەسىرى بار، بۇ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە مۇھىم» دېگەن. 

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن مارت ئېيىدا خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا مەخپىي زىياەتتە بولغان  بولۇپ، كىم جوڭئۇننىڭ مەزكۇر مەخپىي زىيارىتى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2011يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتى ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر